ئامېرىكا دائىرىلىرى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.

553413
ئامېرىكا دائىرىلىرى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى (FETÖ/PDY)نىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بەزى مىخانىزملارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى (FETÖ/PDY)نىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.

مارك تونېر، تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن يوللانغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك تونېر، «ھازىرغا قەدەر فەتھۇللاھ گۈلەن قولغا ئېلىنمىغىنىغا قارىغاندا، سىلەر تېخىچە يېتەرلىك دەلىل - پاكىت يوق، دەپ قارامسىلەر؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ھازىرچە بىرەر قارار چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك تونېر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى (FETÖ/PDY)نىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بەزى مىخانىزملارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

مارك تونېر، «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىغانلىقى بىلەن ئەيبىلەنگەن بىر كىشىنى قولغا ئېلىپ، قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىسىلەر شۇنداقمۇ؟»دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىدىغان تەرەپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ پاسپورتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى قالدۇرۇلمىغانلىقى، ئۇنىڭغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا بولسا،  بېرىشنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر