ئامېرىكىدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى

ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىن مىسسىسسىپىي ئىشتاتىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە ئۇچقان بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 6 ئادەم قازا قىلدى.

551989
ئامېرىكىدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كىچىك بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 6 ئادەم ئۆلدى.

ئامېرىكا فېدرال ئاۋىئاتسىيە باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلورىدا ئىشتاتىدىن مىسسىسسىپىي ئىشتاتىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە ئۇچقان بىر ئايروپىلان، موتورىدىن كاشىلا چققىپ ئالاباما ئىشتاتىدىكى تۇسكالوسا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ كەتكەن.

تۇسكالوساغا يېقىن جايدىكى نورسپورت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى بوببىي ھېرندون، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ فىلورىدىدىكى بىر لېكسىيەدىن قايتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فېدرال ئاۋىئاتسىيە باشقارمىسى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپلاننىڭ 1984-يىلدا ياسالغانلىقىنى ۋە قوش موتورلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر