ئىراق ئارمىيەسى دائېشتىن مىڭ ئائىلىلىك يېزىنى قايتۇرۇۋالدى

ئىراق ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ قاييارا ناھىيەسىگە قاراشلىق مىڭ ئائىلىلىك ئىمام يېزىسىنى قايتۇرۇۋالدى.

550759
ئىراق ئارمىيەسى دائېشتىن مىڭ ئائىلىلىك يېزىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھەربىي ئەمەلدارى ئەمىن شەيھانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېش ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان، ئارقىدىنلا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ ئاپتوموبىللارنى پاچاقلاپ تاشلىغان. ئىمام يېزىسى ئەترپىدا قاتتىق توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىراق ئارمىيەسى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان، بىراق دائېشنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئۆلگەن.

ئىراق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خالىد ئەلئۇبەيدى 12 – ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2 – باسقۇچلۇق مۇسۇلنى ئازاد قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر