شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو ھۇجۇمى قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايروپىلانلىرىنى تىنچ ئوكيانغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا شەپقەتسىزلەرچە جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

549968
شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىر يادرو ھۇجۇمىنى قوزغاشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلكىدە ئەمەسلىكى» تەكىتلەندى.

ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا 3 دانە B – 2 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى گۇام ئاندېرسېن ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ 22 – ئاۋغۇستتا باشلىنىدىغان ئۇلچى – ئەركىنلىك قاراۋۇلى ناملىق جەنۇبىي كورېيە – ئامېرىكا قوشما ھەربىي مانىۋېرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. چۈنكى، شىمالىي كورېيە مەزكۇر مانىۋېرغا ‹ھۇجۇم تەييارلىقى› دەپ باھا بەرمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 17 – مايدا يادرو قوراللىنى سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىغانىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ 27-، 28- ئاپرېل ۋە 31 – مايدىكى ئۇتۇقسىز ئاخىرلاشقان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر