خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر ئېنېرگىيە ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر ئېنېرگىيە ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

550074
خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر ئېنېرگىيە ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى مەلۇم بىر ئېنېرگىيە ئىستانسىسىدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 21 ئادەم ئۆلدى، 5 ئادەم يارىلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ داڭياڭ ۋىلايىتىدىكى بىر ئېنېرگىيە ئىستانسىسىدا، يۇقىرى بېسىملىق تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە پارتلاش مەيدانغا كەلگەن.

پارتلاشتىن كېيىن ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ: #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر