بىرلەشمە كۈچلەر ھۇسىيلارغا زەربە بەردى
يەمەندە بىرلەشمە كۈچلەر دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ھەججە ۋىلايىتىدىكى ھۇسىيلارنىڭ مەركەزلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
![بىرلەشمە كۈچلەر ھۇسىيلارغا زەربە بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3fc6/b1d3/4a8e/57ac35e8cd679.jpg?time=1719147726)
![yemen hava saldırısı.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3231/4ff7/9882/57ac36d46df75.jpg?time=1719147726)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە بىرلەشمە كۈچلەر دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ھەججە ۋىلايىتىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن لىدېر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارى 12 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.
يەمەن ئارمىيەسىنىڭ بەشىنچى ھەربىي رايون ئۇچۇر – ئاخبارات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ھەججەگە قاراشلىق ھەراد شەھىرىدە ھۇسىيلار بىلەن سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ مەركەزلىرىگە 4 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ھاۋا ھەرىكىتىدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قورال ئىسكىلاتى، تانكا ۋە زەمبىرەكى بىلەن بىر يىغىن زالىنىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەمەن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەراد شەھىرى بىر يىلغا يېقىندىن بۇيان ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.
مەزكۇر شەھەردە يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان يەمەن ئارمىيەسى بىلەن ھۇسىي قوراللىقلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719147727)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.