39 دۆلەت خەلقى تۈركىيەنى قوللاپ دەس ئورنىدىن تۇردى

39 دۆلەتتە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نامايىش ۋە يېغىلىشلار ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى قاتتىق  ئەيىبلەندى. گېرمانىيەدىكى يېغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىلا 20 مىڭدىن ئاشتى.

546395
39 دۆلەت خەلقى تۈركىيەنى قوللاپ دەس ئورنىدىن تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىدىن كېيىن غەرپ ئەللىرى «ئۈچ مايمۇن»ئويىنى ئەيناشقا باشلىدى. بىراق خەلقلەر دېموكراتىيەنى قوللاشتا بىرلەشتى.

39 دۆلەتتە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نامايىش ۋە يېغىلىشلار ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى قاتتىق  ئەيىبلەندى. گېرمانىيەدىكى يېغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىلا 20 مىڭدىن ئاشتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY) ئەزالىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاش ھەرىكىتىگە تۈركىيەنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا تەخمىنەن 20 كۈندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز نارازىلىقلار بىلدۈرۈلمەكتە.  تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى چوڭ مەيدانلاردا خەلق قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا توپلىشىپ، ھەربىي ئىسيانغا لەنەت ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى بەزى غەرب دۆلەتلىرنڭ قاناللىرىغا چىقىرىلدى.  ۋەھالەنكى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىر بولسا، تۈكرىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى ئۆتكۈزدى.

خائىن ھەربىي ئىسيان يۈز بەرگەن كۈنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ھەربىي ئىسيان يۈز بەرگەن كۈنى نىيۇيوركتا مەركىزى ئىشخانىسى بولغان تۈركىيە – ئامېرىكا مەدەنىيەت مەركىزى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ چوڭ يېغىلىش ئۆتكۈزدى. ئەتىسى پەنسىلۋانيادىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ داچىسىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان خەلق فەتھۇللاھ گۈلەنگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

16 – ئىيۇل كۈنى بېرلىن، سىتاتگارت، كولىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئاز دېگەندىمۇ 5 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان چوڭ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. فىرانكفۇرت، مائىنز ۋە كارلىسرۇھتىمۇ ئوخشاش نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. بولۇپمۇ كولىندە «ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى دېموكراتىيە مۇنبىرى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 20 مىڭ كىشى قاتناشتى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋېدىئولۇق نۇتۇق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. گېرمانىيەدە يەنە باشقا گۇرۇپپىلارمۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۈركىيەنى قوللاپ نۇغۇن ساندا نامايىشلارنى ئۆتكۈزدى.

ئەنگلىيەدە «BBC» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھەربىي ئىسيانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن لونددوندىكى ئىشخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل ئەلىۋى ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ تۈركيىەنى قوللاپ نامايشى ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيەدىمۇ ياۋروپا – تۈركىيە دېموكراتلار بىرلىكىگە تەۋە گۇرۇپپىلار پايتەخت پارىژدا ھەبيى ئۆزگرىشنى ئەيىبلىدى. ياۋروپا – تۈركىيە دېموكراتلار بىرلىكىگە ئەزا ئەمەس جەمئىيەتلەرمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئەيىبلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

گۈلەن قېچىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسىتىۋاتقان كانادادىمۇ ھەم  15 ئىيۇلدا، ھەم ئەتىسى خائىن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.  تورونتو، موتىرېل ۋە كالگارىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشىغا لەنەت ئوقۇلدى. 

سۈرىيەدە ھاكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى دەمەشىق، ھەلەبنىڭ غەربىي قىسمى، لازىقىيە ۋە تارتۇستا بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيانىغا خوشاللىنىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، سۈرىيە خەلق كېڭىشى ۋە مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتى بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيانىغا لەنەت ئوقۇدى. قانۇنلۇق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئىراقتا 20 ئىيۇل كۈنى ئىراق تۈركمەن جەبھىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەربىي ئىسيانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 22 – ئىيۇلدا كەركۈكتە ئىراق تۈركمەنلىرى ئادالەت پارتىيەسى ھەربىي ئىسيان جەريانىدا شېھىت بولغانلار ئۈچۈن غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇش پائالىىيتى ئۆتكۈزدى.

ھىندىستاندا 10 مىليوندىن كۆپرەك ئەزاسى بولغان جامائەتى ئۆلىمائى ھىندىستان تەشكىلاتى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «NBC» قانىلىنىڭ يالغان خەۋەر تارقاتلىقىغا قارىتا خەلقنىڭ غەزىپى كۈنسىرى ئاشماقتا. 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى «گېرمانىيەدىن پاناھلىق تېلىدى» دەپ شەرمەندىلەرچە يالغان خەۋەر تارقانلىقى سەۋەبىدىن تۈرك خەلقىنىڭ «NBC» قانىلىغا بولغان نارازىلىقى كۈنسىرى ئاشماقتا. نىيۇيوركتىكى مەركىزى بىناسى ئالىدىغا توپلاشقان تۈرك خەلقى «NBC» قانىلىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار نامىدىن سۆز قىلغان سىبەل ئىدموندس «ئاخباراتچىلىق ئەخلاقىغا ھېچ بىر شەكىلدە رېئايە قىلمىغان «NBC» قانىلى ھەممەيلەندىن كەچۈرۈم سوراشقا مۇنقەرىزدۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر