ئوباما، رۇسلار بىلەن پۇتىنغا ئىشىنەلمەيمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما رۇسىيە بىلەن سۈرىيەدە زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى بويىچە ھەمكارلىشىشتا، تەمكىنلىك بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

545876
ئوباما، رۇسلار بىلەن پۇتىنغا ئىشىنەلمەيمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. يىغىنغا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر، باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جې جونسون ۋە مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئوباما: «ئامېرىكا سۈرىيەدە زوراۋانلىقلارنى ئازايتىشنى سىناش ۋە دائېش بىلەن ئەل قائىدەگە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ھالەتتە. بىراق، رۇسىيە كېرەكلىك قەدەملەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسالمىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان زامانى يېتىپ كەلدى» دېدى. ئۇ مۇخبىرنىڭ بىر سوئالىغا: «رۇسلارغا ۋە ۋلادىمر پۇتىنغا ئىشىنىش مەسىلىسىدە ئىشىنەلەيمىز، دەپ ئېيتالمايمەن» دېدى.

ئۇ لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن تۇنجى قېتىم دائېش نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، دائېشقا قارشى ئۇرۇشتا لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە كونترول قىلىۋاتقان يەرلەرنى قولدىن تارتقۇزۇپ قويۇش بىلەن، تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەمدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ دائېشقا قارشى كۈرەشنى بارلىق ساھەلەر بويىچە كۈچلۈك ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلرىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر