ئافغانىستاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىدە پاكىستانغا ئائىت بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

545934
ئافغانىستاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ لوگار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى سېلىم سالىھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستانغا ئائىت بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان لوگارنىڭ ئەزرا ناھىيەسىدىكى تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا چۈشۈپ كەتكەن. چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوت كەتكەن ھەمدە ئۇچقۇچى يوقاپ كەتكەن.

پاكىستاننىڭ كابۇل باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى ئەكبەر مۇنىرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستانغا ئائىت Mi-17  تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان لوگاردا چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە ئۇچقۇچى يوقاپ كەتكەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئافغانىستان دائىرىلىرى ئافغانىستان ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 6 سى پاكىستانلىق، بىرى رۇس بولۇپ، جەمئىي 7 كىشى تالىبان تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبان تېخىچە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر