پاكىستان پارلامېنتى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايمىز ھەم تۈركىيە خەلقىگە رەھمەت ئېيتىمىز
دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى مەسىلىسىدە مۇھىم قەدەم تاشلىدى.
544524
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پارلامېنتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ، ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىگەن تۇنجى چەت ئەل پارلامېنتى بولىدۇ.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پاكىستان پارلامېنتى ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، دېموكراتىيەنى، ۋەتەننى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ھارماي – تالماي كۈرەش قىلغان تۈركىيە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ھەم چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ.»
باياناتتا يەنە، پاكىستان پالاتاسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.