ئامېرىكا گۈلەن ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولۇپ بېرىشىدىن ۋاز كېچىشى لازىم

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY) نىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئاقساراينىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە باشلانغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 78 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

542901
ئامېرىكا گۈلەن ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولۇپ بېرىشىدىن ۋاز كېچىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر ئاقساراينىڭ رەسمىي تور بېتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن باشلىغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە 100 مىڭغا يېتىش ئۈچۈن 22 مىڭ ئىمزا قالغان. 17-ئىيۇل باشلانغان پائالىيەتنىڭ تېمىسى «ھۆكۈمىتىمىزنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن ئۈچۈن <بىخەتەر پورت> بولۇشىدىن ۋازكېچىشىنى ۋە ئۇنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن» بولۇپ، تېكىستىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«15-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ قانۇنىي ۋە دېموكراتىك يوسۇندا سايلانغان ھۆكۈمىتىنى ئۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى يۈز بەردى. بۇنى پەيدا قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا خىزمەت قىلىدىغان ناھايىتى كىچىك ھەربىيلەر توپى ئىكەنلىكى ئېنىق ئاشكارىلاندى. تۈركىيە ھازىرغا قەدەر بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقدىشىمىز بولۇپ كەلدى. فەتھۇللاھ گۈلەن بولسا، تۈركىيەدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرىپىدىن <تېررورىست> دەپ ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى، يېقىن دوستىمىز بولغان تۈركىيە خەلقىنىڭ جەسۇرلارچە قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە مەغلۇب قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن، پىرېزىدېنت ۋە ھۆكۈمىتىمىزنى قايىل قىلىشقا ياردەم قىلىشىڭىزنى سورايمەن. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى پاناھلىنىدىغان جاي بىلەن تەمىنلەپ بېرىشنى توختىتىشىنى ۋە ئۇنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

ئىمزا پائالىيىتىگە، ئاقساراينىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى «ئىلتىماس» (petitions) بۆلۈمىدىكى petitions.whitehouse.gov ئادرېسى ئارقىلىق قاتناشقىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر