كارال بىلدىت: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەردوغاننىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدى»

شىۋېتسىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بىلدىت يازغان ماقالىسىدا، «FETÖ نىڭ ئىسيانىغا  قارىتا بىريۇسسېل ئۇخلاۋاتامدۇ ياكى ئاڭسىزمۇ؟ ياۋروپا ئەردوغاننىڭ يېنىدا تۇرۇشىڭ لازىم» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ياروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى.

543576
كارال بىلدىت: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەردوغاننىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارىتا ياۋروپانىڭ ئىنكاس قايتۇرماي تۇرىۋېلىشىنى، شىۋېتسىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بىلدىت يازغان ماقالىسىدا، «بىريۇسسېل ئۇچلاۋاتامدۇ ياكى ئاڭسىزمۇ؟ ياۋروپا ئەردوغاننىڭ يېنىدا تۇرۇشىڭ لازىم» دېگەن سۆزلىرى بىلەن تەنقىد قىلدى. 

كارل بىلدىت  ماقالىسىدا: «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇتۇققا ئېرىشكەن تەقدىردە تۈركىيەدە چوڭ بىر ئىچكى ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن ئىدى. 2 مىليون سۈرىيەلىككە قوشۇلۇپ، مىليونلىغان تۈركىيەلىك زورۋانلىق، مالىمانچىلىق ۋە ئۆلۈمدىن قېچىپ ياۋروپاغا يەلكەن ئاچقان بولاتتى» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.

شىۋېتسىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بىلدىت: «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش يۈز بەرگەن كېچىسى ياۋروپا ئىتىىپاقىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى ئەيىبلىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى تۈركىيەگە زىيارەتكە بارمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تاشلىغان قەەملىرىنى سوراق – سوئال قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى» دەپ تەنقىد قىلدى.

كارل بىلدىت: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن دەرھال ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن تۈنجى رەھبەر بولدى. بۇ ياۋروپا ئىتىپاقى ئۈچۈن نۇمۇس قىلارلىق بىر ئىش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر