فەتىھ قۇشۇنى ھەلەبتە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى

«ھەلەب مۇھاسىرىنى بۆسۈش» دېگەن نام ئاستىدا ئەسەد كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان فەتىھ قۇشۇنى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا باشلىدى.

542894
فەتىھ قۇشۇنى ھەلەبتە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى فەتىھ قۇشۇنى (جەيشۇلفەتىھ) نىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈش مەقسىتىدە باشلىغان ھەرىكىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 25 ئەسكىرى ئۆلدى.

فەتىھ قۇشۇنى «ھەلەب مۇھاسىرىنى بۆسۈش» ناملىق ھەرىكىتى جەريانىدا شىرفە يېزىسى بىلەن ئەلمەھرۇقتا تۆپىلىكىنىڭ كونتروللۇقىنى ئەسەد كۈچلىرىدىن تارتىۋالدى. ئۆكتىچىلەر يەنە، ئەسەد كۈچلىرى بازا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى زەمبىرەكچىلەر مەكتىپىگە يېقىن يەردىكى توڭلاتقۇ زاۋۇتىنىمۇ قولغا كىرگۈزدى. جەنۇبتىكى توقۇنۇشلاردا ئۆكتىچىلەر بىر تانكا بىلەن ئاپتومات ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

فەتىھ قۇشۇنى تۈنۈگۈن ھەلەبنىڭ جەنۇبىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 1 يېزا، 4 تۆپىلىك، 3 تانكا ۋە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشلاردا ئەسەدنىڭ 56 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن، 2 تانكا، بىر قۇرۇلۇش ماشىنىسى ۋە ئاپتوماتىك قوراللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان 16 ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىغانىدى.

ئەسەد قىسىملىرى ئۆتكەن ئاي شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىردىنبىر چىقىش نۇقتىسى بولغان كاستىللو يولىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلار مۇھاسىرە ئاستىغا كىرىپ قالغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىدلىبنىڭ سەراقىب بازىرىغا ‹خلور گازى› ئارىلاشتۇرۇلغان ۋارىل بومبىسى ئاتتى؛ ھۇجۇمدا 10 ئادەم زەھەرلىك گازنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى. كۆرۈش خىرەلىكى، قۇسۇش ۋە نەپەس قىسىلىش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن مەزكۇر كىشىلەر سەھرا دوختۇرخانىلىرىدا بالنىستقا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر