ئىراقتا يەنە بىر مۇھىم رايون دائېشتىن تازىلاندى

ئىراق قىسىملىرى دائېشنىڭ مۇھىم قەلئەلىرىدىن بولغان بولغان ھالىدىييە رايونىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

542064
ئىراقتا يەنە بىر مۇھىم رايون دائېشتىن تازىلاندى

ئىراق قىسىملىرىنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئەل-ھالىدىييە رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، رايوننى قايتۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھالىدىييە ناھىيە مەجلىس باشلىقى ئەلى داۋۇد، ئىراق قىسىملىرىنىڭ رامادىنىڭ 23 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان ھالىدىييە ئارىلىنىڭ دائېشتىن تامامەن تازىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

تېرىلغۇ ئېتىزلاردىن تەشكىل تاپقان ھالىدىييە ئارال رايونى ھالىدىييە ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىراق قىسىملىرى تۈنۈگۈن ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا رامادىنىڭ شەرقىدىكى دائېشنىڭ مۇھىم قەلئەلىرىدىن بولغان ھالىدىييە ئارىلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانىدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر