نىگېردە بوكو ھارام سەۋەبىدىن جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى

نىگېرنىڭ دىففا رايونىدا ئېلان  قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى 3 ئاي ئۇزارتىلدى.

542337
نىگېردە بوكو ھارام سەۋەبىدىن جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېردە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشلەر دائىرىسدە دىففا رايونىدا ئېلان  قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى 3 ئاي ئۇزارتىلدى.

نىگېر مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نىگېردە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنىپ، رايوندىكى جىددىي ھالەتنىڭ 25-ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي مۇتەخەسسلەر چاد چۆلىد قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقان بوكو ھارامنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە، مۇداپىئە مېخانىزمىسى ئاجىز بولغان نىگېرگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تەشكىلاتنىڭ ئالدىنقى ئاي تارتىپ ئېلىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك بەرپا قىلىنغان بوسسو رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 30 ئەسكەر ئۆلدى.

چاد، نىگېر، نىگېرىيە، كامېرۇن ۋە بېنىن تەرىپىدىن بوكو ھارامغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تەشكللىنىپ 10مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆپ دۆلەتلىك كۈرەش قىسمى بوكو ھارام بىلەن قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولىۋاتقان رايونلاردا بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىقنىڭ بەرپا  قىلىنىشى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر