سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەتتە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى
يەمەن – ئەرەبىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 7 سەئۇدى ئەسكىرى ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلىرى بايانات بېرىپ، يەمەن چېگراسىدا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان كۈچلىرىنىڭ دۆلەتكە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشكە ئورۇنغان ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
دۆلەتكە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئورۇنۇشنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە روشەن خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، نەجران رايونىنىڭ ئەررەبۋە شەھىرى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھۇسىيلارغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكى ۋە ئونلارچە قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.