«ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيانىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ»

ئەنگلىيە باش ئەلچىسى ھەم ئۆزىنىڭ ھەم ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيانىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

541244
«ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيانىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ئەلچىسى رىچەرد مور جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جەلالەتتىن لەكەسىزنى زىيارەت قىلىپ، 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا شېھىت بولغان ساقچىلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇچرىشىشتا، مور ھەم ئۆزىنىڭ ھەم ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەگە تۇنجى بولۇپ كەلگەن چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا سىياسەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئالەن دانكېن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئەنگلىيەنىڭ ھەمىشە تۈركىيەدىكى دېموكراتىك ئورگانلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرى جەريانىدا نامايەن قىلغان قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرىنى ماختىغان، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن زىيارەتتە بولغان فەتھىيە ۋە مارمارىستە ساقچىلارنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر