فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن مارك ئايرالت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى ۋە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشتى.

541202
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئايرالت بىلەن كېرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، 3 – ئىيۇل پارىژدا چاقىرىلغان «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق» تېمىلىق مىنىستىرلار يىغىنىدا سىزىپ چىقىلغان يول خەرىتىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سۈرىيە مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۇچرىشىش ھارپىسىدا كېرى كۆرۈشۈشتە رۇسىيە ۋە ناتو مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئايرالتنىڭ ئابباس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا بولسا، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ھەمكارلىق مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر