«تۈركىيە ‏- خىتاي دوستلۇق فوندى جەمئىيىتى» تاقالدى

تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار نۇرغۇنلىغان ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە «تۈركىيە ‏- خىتاي دوستلۇق فوندى جەمئىيىتى» بىلەن «تۈركىيە-خىتاي سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتى»  نىمۇ تاقىۋەتتى.

539532
«تۈركىيە ‏- خىتاي دوستلۇق فوندى جەمئىيىتى» تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار قانچە مىڭلىغان كىشى تۇتقۇن قىلىندى، 45 مىڭ ئەتراپىدا دۆلەت مەمۇرى ئىشتىن بوشىتىلدى، دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىدىن 35 ى، يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن 934 ى، ئوقۇغۇچىلار ياتاقخانىسىدىن 109 ىى، فوندى جەمئىيەتتىن 104 ى، ھەر خىل جەمئىيەتلەردىن 1125 ى ۋە 15 ئۇنىۋېرسىتېت تاقالدى.

بۇلار قاتارىدا، مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان «تۈركىيە ‏- خىتاي دوستلۇق فوندى جەمئىيىتى» بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق «تۈركىيە-خىتاي سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتى» مۇ تاقالدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2009-يىلى قۇرۇلغان «تۈركىيە ‏- خىتاي دوستلۇق فوندى جەمئىيىتى» خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىۋاتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىمۇ مەزكۇر جەمئىيەت تارقاتقان ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «تۈركىيە-خىتاي سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نىڭ تاقىۋېلىشى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.

قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىنچە «تۈركىيە-خىتاي سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ جەمئىيەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزلىرىگە تارتىۋالغان ئىكەن. بۇغدا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ جەمئىيەت بەزى تۈركلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۈركىيە خەلقىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.

ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «تۈركىيە-خىتاي سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ سەۋەبى، مەزكۇر جەمئىيەتكە  ئەزا كىشىلەرنىڭ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر