ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئۆلۈم جازاسى سەۋەبىدىن تەھدىت سالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جۇنكېر تۈركىيەدە ئۆلۈم جازاسى قايتىدىن قانۇنلاشقان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىنىڭ دەرھال توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

537168
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئۆلۈم جازاسى سەۋەبىدىن تەھدىت سالدى

ياۋروپا كومىتېتى باشلىق جۇنكېر «تۈركىيە ئۆلۈم جازاسىنى قايتىدىن قانۇنلاشتۇرسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسىنى دەرھال توختىتىدۇ»دېدى.

Reutersخەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇنكېر مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە پات يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولىدىغاندەك ئەمەس.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان ياۋروپا كومىتېتى باشلقى جېن كىلاۋۇد جۇنكېر، تۈركىيەدە ئۆلۈم جازاسى قايتىدىن قانۇنلاشقان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىنىڭ دەرھال توختايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۆلۈم جازاسىنى قايتىدىن قانۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇ مەسىلىگە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكەن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى بولسا بۇ ئەھۋالغا سەلبىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر