دائېشنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى دۆلىتىگە قايتىشقا باشلىغان

دائېشنىڭ چەت ئەللىك مىلىتانلىرىنىڭ مائاشلىرىنى تۆلەشتە قىيىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەللىك مىلىتانلارنىڭ قايتىپ كېتىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

537404
دائېشنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى دۆلىتىگە قايتىشقا باشلىغان

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، دائېش ئىراق بىلەن سۈرىيەدە تارتىۋالغان زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن چەت ئەللىك مىلىتانلىرى دۆلىتىگە قايتىشقا باشلىغان.

دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى زېمىنلاردىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەل مىلىتانلىرىنىڭ مائاشلىرىنى تۆلەشتە قىينىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مائاشلىرىنى ئالالمىغان بەزى چەت ئەل مىلىتانلىرىنىڭ تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتىشقا باشلىغانلىقلىرىنى خەۋەر قىلماقتا، بۇنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا ئاسىيالىق مىلىتانلارنىڭ ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاندېرىي سېرېنكو ئىسىملىك بىر رۇس مۇتەخەسىس ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مىلىتان پۇقرالىرىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. قانچىلىك مىلىتاننىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتنىڭ يوقلىقىنى، بىراق قايتىپ كېلىۋاتقان مىلىتانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان سېرېنكو، قىرغىزىستاندىن ئايرىلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشكە باشلىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ پىسخولوگ، دىنى ئۆلىما، ھەتتا سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان كونا مىلىتانلارغا ئوخشاش كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلشى كېرەك ئىكەن. سېرېنكو بىر نەچچە يۈز مىلىتاننىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى، بىراق سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيالىق مىلىتانلارنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر