نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە

گېرمانىيە، ماكېدونىيە بوسنىيە – گىرېتسىگوۋېنا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

532862
نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغانلارغا قارشى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە نارازىلىقلار داۋالاشماقتا.

نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە تۈركىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش ئۈچۈن نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

گېرمانىيەدە فىرانكفورتتىكى باش ئەلچىخانىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان يۈزلىگەن تۈركىيە مەستانىلىرى قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا تۈركىيەنى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ نامايىش يۈرىشى ئېلىپ باردى.

نامايىشچىلار «خەلق مانا بۇيەردە. ھەربىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلار قەيەردە؟» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ماكېدونىيەدىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «FETÖ»نىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «FETÖ» بىلەن چېتىشلىقى بولغان بىر خۇسۇسىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغچىلىرى مەكتەپ ئالدىغا توپلىشىپ، دىپلومىلىرىنى يىرتىپ تاشلاش ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «FETÖ»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئائىلىلەرگە پەرزەنتلىرىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «FETÖ» بىلەن چېتىشلىقى بولغان مەكتەپلەرگە بەرمەسلىك ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

بوسنىيە – گىرېتسىگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايىبوسنادىمۇ تۈركىيەنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر