سومالى ھۆكۈمىتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىغا بىر ھەپتە مۆھلەت بەردى

سومالى ھۆكۈمىتى، فەتھۇللاھ گۈلەن باشچىلىقىدىكى يەر ئاستىكى تەشكىلاتىغا قاراشلىق ‹نىل ئاكادېمىيەسى› نىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىپ قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

531165
سومالى ھۆكۈمىتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىغا بىر ھەپتە مۆھلەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ھۆكۈمىتى، فەتھۇللاھ گۈلەن باشچىلىقىدىكى يەر ئاستىكى تەشكىلاتىغا قاراشلىق ‹نىل ئاكادېمىيەسى› نىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىپ قويغانلىقىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بىر ھەپتە مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرغان سومالى ئىچكى كابېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، ‹نىل ئاكادېمىيەسى› گە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا يېڭى بىر باشقۇرۇش ھەيئىتى تەيىنلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا يەنە، تۈركىيەگە چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەغلۇب ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئەيىبلەنگەن ھالدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە دېموكراتىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈلدى، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەندى.

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن مۇھەممەدمۇ، «تۈرك خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ يېقىن تارىخىدا تەرەققىي قىلغان دېموكراتىيە يولىدىن ئېغىپ كېتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تۈركىيەنى زوراۋانلىقلار مۇھىتىغا سۆرەپ كىرمەكچى بولغان يامان كۈچلەرنىڭ مەغلۇپ قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن سۆيۈندۇق» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سومالىدا يۈزلەرچە سومالىلىق پايتەخت موقدىشۇدا توپلىنىپ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر