بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى چەت ئەللەردىمۇ ئەيىبلەندى

تۈركىيەنىڭ ئىچىدىكىگە ئوخشاشلا چەت ئەللەردىمۇ تۈركىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى تۈركىيەنى قوللاپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە...

531022
بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى چەت ئەللەردىمۇ ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

چىكاگودا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشقا ئامېرىكا مېدىياسىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىب شەھىرىدىمۇ تۈركىيە ۋە سۈرىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان يۈزلەرچە كىشى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە تۈرك خەلقىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززەدىمۇ تۈركىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنى تەبرىكلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى؛ ھاماس ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن غەززەنىڭ مەركىزىگە توپلانغان پەلەستىنلىكلەر، تۈركىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنى تەبرىكلىدى.

بۇلغارىيە مۇسۇلمانلىرى باش مۇپتىلىكىمۇ، تۈركىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى، دۆلەت مىقياسىدىكى پۈتكۈل جامەلەردە ناماز شام ۋاقتىدا سالاۋات ئېيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر