ياۋروپا كېڭىشى: دېموكراتىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇش ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس

ياۋروپا كېڭىشى ھېچقانداق بىر ئورۇننىڭ ياكى كۈچنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋەزەپىگە ئولتۇرغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

530717
ياۋروپا كېڭىشى: دېموكراتىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇش ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى Thorbjorn Jagland فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان  رەھبەرلىرىنى ئاغدۇرۇۋېتىش نىشان قىلىنغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى قوبۇل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر