«بىز بۇنداق ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەستلەرنى كۆپ كۆرگەن، ۋەتەن خائىنلىرى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ ھېچقانداق مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

530662
«بىز بۇنداق ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەستلەرنى كۆپ كۆرگەن، ۋەتەن خائىنلىرى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئارمىيەلەرنىڭ ۋەزىپىسى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەتلەرنى ئاغدۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە خەلقنى ۋە دۆلەتنى قوغداشتۇر. جۈملىدىن ئارمىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەر تاپاقاندىن كېيىن تولىمۇ ھەيران قالدىم، ھەمدە قاتتىق ئازابلاندىم. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە دېموكراتىيە يولىدىكى ئالغا ئىلگىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش نىشان قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى چوڭ تەھدىتتۇر. بىز ئىلگىرىمۇ بۇنداق سېنارىيەلەرنى ۋە ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەستلەرنى ناھايىتى كۆپ كۆرگەن، ۋەتەن خائىنلىرى ھېچقانداق مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ ئۇنسۇرلارنىڭمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ۋە تۈركىيە خەلقىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمەن. تۈركىيە خەلقىنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە سايلام قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشقا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ھۆكۈمىتىنى جان دىلى بىلەن قوللاشقا ۋە قوغداشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر