فىرانسىيەدە قورقۇنچلۇق قەتلىئام يۈز بېرىپ، 84 كىشى ئۆلدى

فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نىيس شەھىرىدە «14 – ئىيۇل مىللىي بايرام كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدا قورقۇنچلۇق قەتلىئام يۈز بېرىپ، 84 كىشى قازا قىلدى.

529668
فىرانسىيەدە قورقۇنچلۇق قەتلىئام يۈز بېرىپ، 84 كىشى ئۆلدى
fransa saldırı2.jpg
fransa saldırı1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يولدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئامما ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىشى ۋە شوپۇرنىڭ خەلقنى ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە 84 كىشى قازا قىلدى.

ئۆلگەنلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى 15 مېتىرلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ 90 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇدا 2 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشىنىڭ ئېزىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلدى.

ھۇجۇمدا 47 سى ئېغىر بولۇپ، 100 ئەتراپىدا كىشى يارىلاندى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دەرھال مۇداخىلە قىلىپ، شوپۇرنى ئۆلتۈردى ھەمدە باشقا زوراۋانلارنىڭمۇ بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاختۇرۇپ – تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يۈك ئاپتوموبىلىدا كۆپ ساندا ئوق - دورا ۋە قورال – ياراغلار تېپىلغان بولۇپ، ھۇجۇم شەھەردە قاتتىق پاتپاراقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چايخانىلار ۋە رېستورانلاردا قاپسىلىپ قالغان. ساقچىلار شەھەر ئاھالىسىنى سىرتقا چىقماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان. ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» قىسىملىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

زوراۋاننىڭ كىملىكى يۈك ئاپتوموبىلىدا تېپىلغان نەرسە – كېرەكلەر ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 31 ياشلىق تېگى تۇنىسلىق زوراۋان نىيس شەھىرىدە ياشىغان ۋە كىچىك تىپتىكى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند ھۇجۇمدىن كېيىن ئاۋىگنوندىكى تەتىلىنى يېرىم قالدۇرۇپ، پايتەخت پارىژغا قايتقان ھەمدە باش مىنىستىر مەنيۇئېل ۋالس ۋە ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرغان، كېيىنچە ئەلىيزە سارىيىدا خەلققە خىتاب قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم قورقۇنچلۇق ھۇجۇم بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى،  جۈملىدىن پۈتكۈل فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھۇجۇمنىڭ فىرانسىيەنىڭ سىمۋوللىرى بىرى بولغان مۇھىم بىر كۈندە، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان 14 – ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئولاند زوراۋاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بارلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:  «ھۇشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، سەزگۈرلۈك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغدايمىز.»

ئۇ يەنە، مۇددىتى 26 – ئىيۇل كۈنى توشىدىغان جىددىىي ھالەتنىڭ يەنە 3 ئاي ئۇزارتىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر