دائېش ئادەمنى چۆچىتىدىغان بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلدى

قورقۇنچلۇق ۋىدېئولارنى ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيانى چۆچۈتۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش يەنە بىر ۋەھشىيانە كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلدى.

530202
دائېش ئادەمنى چۆچىتىدىغان بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلدى
deaş pilot video1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دىر ئەززۇر شەھىرىدە ئېتىپ چۈشۈرگەن سۈرىيەگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ جەسىتىنى شەھەر مەيدانىدا كرېستقا مىج بىلەن قېقىپ، ئۈستىگە زاڭلىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئايروپىلان مودېلىنى قويدى.

دائېشنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان « Amaq» ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، يەردە ئوت يالقۇنى ئىچىدە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆزگە چېلىقىدۇ.

كۆرۈنۈشلەردە ئىسمىنىڭ ماھىر قاشھۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچقۇچىنىڭ پارچىلىنىپ ئۆلگەنلىكى، كېيىنچە دائېش مەنسۇپلىرى تەرىپىدىن بىر كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈۋرۈككە باغلىنىپ، مودېل ئايروپىلان ئاستىدا كرېستقا مىج بىلەن قېقىلىپ، سازايى قىلىنغانلىقى كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر