ئۆكتىچى پارتىيەلەر يېڭى ئايال باش ۋەزىرگە قارشى چىقتى

ئەنگلىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر سېرىسا ماينىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنىڭ خەلقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، قارشى چىقتى.

527865
ئۆكتىچى پارتىيەلەر يېڭى ئايال باش ۋەزىرگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرىسا ماينىڭ باش ۋەزىرلىك ئورنىغا ئولتۇرىدىغانلىقى جەزملەشكەندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيەلەر مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى. ئۆكتىچى ئىشچى پارتىيەسىنىڭ سايلام كوردىناتورى جون چىكېت سېرىسانىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنىڭ خەلقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سەۋەب بولغان مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىدە دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان باش ۋەزىرىنىڭ بولۇشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىردىن باشلاپ پارتىيەمىزنىڭ ئومۇمىي سايلام ۋەزىيىتىگە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تىم فارون ۋە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى كارولىن لۇكاسمۇ سېرىسا ماينىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى.

بۇ جەرياندا، سېرىسا ماي بىرمىڭھام شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەنگلىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «دۆلەتنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئېنىقسىزلىقلاردىن قۇتقۇزىدىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندە ئەڭ ياخشى كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كۈچلۈك بىر رەھبەرگە ئېھتىياج بار» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«خەلقنىڭ قارارى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشتىن باشقا، مۇھىم ئۆزگىرىش مەنىسىگىمۇ ئىگە. يەنى بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە قېلىش ئۈچۈن قايتا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئارقا ئىشىكتىن قايتا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايمىز. دۆلەت - ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.»

ھازىرقى ھاكىمىيەتتىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سېرىسا ماي، 329 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدىكى 199 ئەزانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىلىك سىياسەتچىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان سېرىسا ماي، ساچىر خانىمنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بىردىنبىر ئايال باش ۋەزىرى دېگەن ئۇنۋانىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ئىنتىزامچان ۋە كەسكىن مىجەزى بىلەن ساچىر خانىمغا ئوخشىتىلىدىغان سېرىسا ماينى «يېڭى تۆمۈر خانىم» دەپ باھا بەرمەكتە. ئالتە يىلدىن بۇيان ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن سېرىسا ماي، كۆچ ھەققىدە قەتئىي قارارلارنى ئالغان ئىدى. ئۇ كۆچمەنلەر سانىنى ھەر يىلى 100 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈش نىشانىنى ئورۇنلىماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىنغان ئىدى. ئۇ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشىنى قوللاش پوزىتسىيەسىنى تۇتقان ئىدى. ئەمما، كېيىنچە بۇ ھەقتىكى قارىشىنى كۆپ تىلغا ئالماستىن ئارقا پىلاندا تۇردى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارى چىققاندىن كېيىن بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇزاكىرەلىرىنى باشلايدىغان لىسبون كېلىشىمىنىڭ 50 – ماددىسىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يولغا قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.           



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر