جەنۇبىي سۇداندا خىتاي ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن (11 – ئىيۇل) خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

527296
جەنۇبىي سۇداندا خىتاي ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋېيبو تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 10 – ئىيۇل شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 6 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇبىي سۇداندا تۇرۇشلۇق ب د ت نىڭ قارىمىقىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەن، ئالتە خىتاي ئەسكىرى يارىلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ب د ت مەسئۇللىرىمۇ، جەنۇبىي سۇداندا خىتي ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە كۆپ ساندا ئەسكەرلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى دەلىللىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر، يېقىندىن بۇيان ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە خىتاي ئىشچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر