ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە قارىتا نىيۇيورك شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

525509
ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېقىنقى كۈنلەردە بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ساقچى زوراۋانلىقى ئامېرىكا مىقياسىدا نارازىلىقلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.

نىيۇيوركتا ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ساقچىلار 40 نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

لىيوسسىنانىڭ باتون روگ شەھىرىدە 37 ياشلىق قارا تەنلىك ئالتون سىترلىڭ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ساقچىنىڭ ئوقىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، مىننېسوتا ئىشتاتىدا فىلاندو كاستىلېنىڭ ئىسىملىك قارا تەنلىك بىر كىشىنىڭمۇ ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە ساقچى زوراۋانلىق مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

نىيۇيوركتا مىڭلارچە ئادەم «كىمنىڭ كوچىلىرى؟ بىزنىڭ كوچىلىرىمىز»، «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى تولىمۇ مۇھىم» ۋە «قوللار يۇقىرىدا، ئوق چىقارماڭلار»تەرىقىسىدىكى شوئارلارنى توۋلاپ مېڭىشتى.

نامايىشچىلار قاتارىدا تەكلىپ قىلىنغان ئوسكار مۇكاپاتلىرى مۇراسىمى ئورنىغا ئامېرىكا ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىغا بېرىپ قارا تەنلىك سەنئەتچىلەرنىڭ ئوسكار نامزاتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلمەسلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن داڭلىق قارا تەنلىك ئارتىس ۋە رىژوسسور سپىك لې دې مۇ بار ئىدى.

ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىغان نامايىشچىلار قاتناشنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

نامايىشچىلاردىن تەخمىنەن 40كىشى ئاپتوموبىل ياكى پىيادىلەرگە توسالغۇ بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر