دائېش ئىراقتا يەنە 50 ئادەمنى قەتلى قىلدى

دائېش تېررورچىلىرى ئىراقنىڭ سالاھەتتىن شەھرىدىكى بىر مەقبەرەگە ھۇجۇم قوزغاپ نۇرغۇن ئادەمنى قەتلى قىلدى.

525611
دائېش ئىراقتا يەنە 50 ئادەمنى قەتلى قىلدى

ئىگىلىنىشىچە، ئىراقنىڭ سالاھەتتىن شەھرىدىكى بىر مەقبەرەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، ئادەم بومبىلىرى بىلەن مۇقەددەس ماكاننى پارتىلتىشنى سىنىغان. ھۇجۇمدا 50 ئادەم ئۆلگەن، 65 ئادەم يارىلانغان.

دائېش روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىئە زىيارەتچىلەر بىلەن تولغان بەلەد ناھىيەسىدىكى سەيىد مۇھەممەد ئىبنى بىن ئەل ھادىنىڭ مەقبەرەسىگە يېرىم كېچىدە ھۇجۇم قوزغىغان.

بەش ئادەم بومبا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز 50 ئادەم ئۆلگەن، 65 ئادەم يارىلانغان.

تېررورچىلاردىن ئۈچى مازارنىڭ ئەتراپىدىكى ساقچى كونترول ئېغىزلىرىدا ئۆزلىرىنى پارتىلاتقان، مازارنىڭ ئىچىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان قالغان ئىككى تېررورچى، ساقچى خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقا كىرگەن ۋە مەقبەرەنىڭ ئىچىگە كىرمەي تۇرۇپلا ئۆلتۈرۈلگەن.

ساقچى خادىملىرى تېررورچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ مەقبەرەنىڭ پارتىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر