سۈرىيە ئارمىيەسى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى

سۈرىيە ئارمىيەسى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا 72 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى.

524750
سۈرىيە ئارمىيەسى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سانانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ئارمىيەسى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن سائەت 13:00 تىن باشلاپ 2016 – يىلى 8 – ئىيۇل سائەت 00:00  گىچە دۆلەت مىقياسىدا 72 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان.

سانا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچى كۈچلەرمۇ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلانى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر