ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇدغا تېلېفون قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

524230
ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا پادىشاھ سەلمان ۋە پۈتكۈل سەئۇدى خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

پادىشاھ سەلمانمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ روزا ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر