تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 14 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەللەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 14 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى.

523545
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 14 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان قورال - ياراغ ئىسكىلاتى، كاتيۇشا ۋە مىناميوتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 68 نىشانى ئېنىقلاپ چىقىلىپ، «بوران - چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ۋە راكېتامىيوتلار ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ ئۇدا 4 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەتكە ياردەم بەرگەن.

ئىراقنىڭ شىمالىي مەتىنا رايونىدىمۇ بىر ئاخباراتقا ئاساسەن ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت بىر نىشان يوقىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر