خىتايدا يەنە بىر ناھايىتى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تىيەنجىندە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يارغا چۈشۈپ كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى 30كىشىدىن 26سى ئۆلدى، 4 كىشى ئېغىر يارىلاندى.

522766
خىتايدا يەنە بىر ناھايىتى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تىيەنجىندە چاقى ئېتىلىپ كەتكەن بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يارغا چۈشۈپ كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى 30كىشىدىن 26سى ئۆلدى.

تۈنۈگۈن كەچتە مەيدانغا كەلگەن قاتناش ۋەقەسىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى خېبېيدىن شىنياڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن نەق مەيدانغا كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئاپتوبۇس بىلەن 26 جەسەتنى ياردىن تارتىپ چىقاردى. يارىلانغان 4 كىشى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خۇنەندە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋەقەگە ئۇچراپ 53 يولۇچى ئۆلگەنىدى. قاتناش ۋەقەلىرى خىتايدا تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 250مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۆلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر