ئىراقتا 250 دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىدە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، كەڭ دېگەندىمۇ 250 دائىش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

521721
ئىراقتا 250 دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىدە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، كەڭ دېگەندىمۇ 250 دائىش مىلىتانىنى ئۆلتۈردى.

ھەربىي ھەرىكەتتە تەشكىلاتقا تەۋە 40 ئاپتوموبىل بىتچىت قىلىندى.

Reuters ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ سان مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمنىڭ ھازىرغىچە دائېشقا بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر زەربىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە فەللۇجەنىڭ جەنۇبىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇ رايوندا يەرلىك خەلقنىڭ يوقلىقى قەيت قىلىندى.

ئىراق قوشما ساقچى تەشكىلاتى باشلىقى رايىد جەۋدەت، دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ 2014-يىلدىن بۇيان دائېشنىڭ قولىدا بولغان ۋە ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتۇرۇپ ئېلىنغان فەللۇجەدىكى ھەربىي ھەربىي ھەرىكەتتە، تەشكىلاتنىڭ غوللۇق كاتتىۋاشلىرىمۇ بولغان 500 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىراق ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنىدىكى مۇسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى دىرباز ۋە كەرامە يېزىلىرىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن ھەربىي ھەرىكەتتە، 3 ئىراق ئەسكىرى يارىلانغان بولسا، دائېشقا تەۋە نۇرغۇن بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى كوتنرول قىلىش ئۈچۈن مەھمۇر ناھىيەسىدىن ئىلگىرىلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر