دائېش بىر مەسىلىدە غەلىبە قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

521182
دائېش بىر مەسىلىدە غەلىبە قىلدى
joe biden.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى تەكلىپ قىلدۇق، بىز بۇ قىيىنچىلىق كۈنلەردە ئۇلارغا ياردەمچى بولۇشقا تەييارمىز» دېدى. ئۇ كانادادىكى شىمالىي ئامېرىكا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىنىڭ دۇنيادىكى يولۇچىسى ئەڭ كۆپ ئايرودۇرۇملاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ تۈرك خەلقى ۋە بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«ھازىرمۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلىۋاتىمىز، بۇنىڭ تېررورلۇق تورلىرىغا قارشى باشلىغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، ئورتاق كۈرىشىمىزنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇلارنى يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تۈركىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز.»

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تەزىيەلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ: «دۇنيا تۈركىيەنىڭ ئارقىسىدا بىرلەشتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىر مەسىلىدە غەلىبە قىلدى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى بىرلەشتۈردى» دېدى. ئۇ بىر ئاز ۋاقىت ئالسىمۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىخەتەر ياشايدىغان رايوننىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە: «تۈركىيە نامايان قىلغان قەتئىي ئىرادە ۋە مەيدانىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر