ئەردوغان مەشئەل بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەھبىرى خالىد مەشئەلنى قوبۇل قىلدى.

518148
ئەردوغان مەشئەل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان مەشئەل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئىستانبۇلدىكى يىلدىز مابەين سارىيىدا قوبۇل قىلغان. ئۇچرىشىشتا، پەلەستىنلىكلەر ئارا ئىختىلاپنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقلىرى، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر