«ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتسە، قايتا كىرەلمەيدۇ»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە، ئەسلا قايتا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

516745
«ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتسە، قايتا كىرەلمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرانسۇا ئولاند ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم ھارپىسىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ ئورتاق بازارغا كىرىشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قارار بۇنىڭدىن كېيىن جىددىي خەۋپ تەشكىل قىلىدۇ. ھەممە بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر