خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

خىتاي دائىرلىرى ھىندونېزىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىگە ئوق چىقىرىشىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى.

514249
خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە  ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

خىتاي ھىندونېزىيە گە تەۋە بىر ھەربىي پاراخوتنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي بېلىقچىلىرىغا خىرىس قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا قارىتا دەرھال بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا ھىندونېزىيە مۇقىملىق ۋە تىنچلىققا زىيان بېرىدىغان ۋە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ بۇ قېتىم خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىگە خىرس قىلىش ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز قانۇنى كېلىشىمى بىلەن رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەت قىلىش خىتابنامىسىگە خىلاپلىق  قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتاي دائىرلىرى ھىندونېزىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندا بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسىگە ئوق چىقىرىپ كېمىدىكى بىر بېلىقچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە بىر بېلىقچى كېمىسىنى مۇسادىرە قىلىپ كېمىدىكى 7 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ يىل مارت ئېيىدا رايوندا قانۇنسىز بېلىق تۇتقان خىتاي بېلىقچىلىرىنى تۇتماقچى بولغان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى،  ساھىل خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئارىلاشقان خىتاي ساھىل خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىن، بىرۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي بېلىقچىلىق جەھەتتىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆتمۈشتىن بېرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر