ھىندونېزىيەدە ئېغىر تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا جاۋا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 35 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

514299
ھىندونېزىيەدە ئېغىر تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، ۋەقەدە يەنە 14 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، باشقا 25 كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

رايون خەلقىمۇ خەۋپلىك جايلاردىن بىخەتەر يەرلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلماقتا، تىكىلگەن چېدىرلاردا سەھىيە خىزمىتى سۇنۇلماقتا ۋە تاماق ياردىمى قىلىنماقتا.

ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك كىلىماتولوگىيە، مېتروئولوگىيە ۋە گىئوفىزىكا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلار جۈمە كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دۆلەت مىقياسىدا مەيدانغا كەلگۈسى شىددەتلىك ھۆل – يېغىن توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر