خىتاي ھۆكۈمىتى سېربىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پايتەخت بېلگرادتا پىرېزىدېنت تومىسلاۋ نىكولىچ بىلەن كۆرۈشتى.

513740
خىتاي ھۆكۈمىتى سېربىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سېربىيە پىرېزىدېنتى تومىسلاۋ نىكولىج ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك تەسىس قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قوشما خىتابنامىنى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتى.

شى جىنپىڭ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن سېربىيە ئارىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېربىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندار ۋۇجىچ بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، سېربىيە باش مىنىستىرى ۋۇجىچ سېربىيەنىڭ ھەر دائىم خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە سىياسىي مەنىدە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شى جىنپىڭ ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت بېلگرادتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە سېربىيە پارلامېنتى باشلىقى ماجا گوجكوۋىچ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر