ترامپ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ «ئوغرىلىق» قىلغانلىقىغا ئىما قىلدى

دونالد ترامپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بەزى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن «ئوغرىلانغانلىقى» نى ئىما قىلدى.

512085
ترامپ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ «ئوغرىلىق» قىلغانلىقىغا ئىما قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ بولغۇسى پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى، سودا – سانائەتچى دونالد ترامپ،  ھۆكۈمەتنىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بەزى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن «ئوغرىلانغانلىقى» نى ئىما قىلدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 241 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي بازىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن پۇللىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر دەۋانى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىردى. ترامپ، «ئىراقتا ھىيلە ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىليون دوللارلار قانداق كەلتۈرۈلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ- ئەجەبا؟ بۇ ئىشنى قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگۈم بار. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن.» دېيىش ئارقىلىق ئىسمىنى ئاتىماستىنلا ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئىراققا ئەۋەتكەن پۇللىرىنىڭ بىر قىسمى بەزى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن «ئوغرىلاندى» دېدى.

ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك ئىشلىرى باياناتچىسى خوپ ھىكس بايانات بېرىپ، «ترامپ ئەپەندى ئىراقلىق ئەسكەرلەرنى كۆزدە تۇتقانىدى» دېدى. لېكىن، ترامپ سېنتەبىر ئېيىدا نىيۇ ھامپشېيردىكى بىر نۇقتىدا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، ئىراق ۋە ئافغانىستان دائىلىرىگە ئەۋەتىلگەن نەق پۇللارنىڭ ئۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بەزى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نامۇۋاپىق شەكىلدە ئىشلىتىلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بىر مۇستەقىل كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ 2015 – يىللىق دوكلاتىدا، «2005 – يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستان بازىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن جەمئىي 115 خادىمىنىڭ پارا ئېلىش، ئوغرىلىق قىلىش ۋە كېلىشىمگە ھىيلەش ئىشلىتىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن جەمئىي 52 مىليون دوللار قىممىتىدە چىرىكلىك سادىر قىلغانلىقى» ئەسكەرتىلگەنىدى.

ئامېرىكىلىقلار، دەتالاش پەيدا قىلغان مەزكۇر دوكلاتنى ترامپنىڭ سۆزلىرىگە مەنبە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر