ئامېرىكانىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى كىم؟

تۈنۈگۈن (14 – ئىيۇن) ۋاشىنگتوندا ئاخىرلاشقان تەييارلىق سايلاملىرىدا، دېموكرات پارتىيەسىدە ھىلارى كلىنتون، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدە دونالد تىرامپ غەلىبە قىلدى.

511474
ئامېرىكانىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى كىم؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا پارتىيەلەر 1 – فېۋرال باشلىغان پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تەييارلىق سايلاملىرى، تۈنۈگۈن دېموكراتلارنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن سايلىمى بىلەن ئاخىرلاشتى. دېموكراتلاردا ھىلارى كلىنتون، جۇمھۇرىيەتچىلەردە بولسا، دونالد تىرامپ غەلىبە قىلدى.

پىرېزىدېنت نامزاتلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 2383 ۋەكىل سانىغا ئۆتكەن ھەپتىدىلا ئېرىشىپ بولغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ئاخىرقى سايلامدا رەقىبى بۆرنى ساندېرس ئۈستىدىن كۆپ ئۈستۈنلۈك قازاندى. ئۇ %78 ئاۋازغا، ساندېرس %21 ئاۋازغا ئېرىشتى. ساندېرس كلىنتوننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن، ئاخىرىغىچە رىقابەتتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەردە دونالد تىرامپ خېلى بۇرۇنلا كېرەكلىك ۋەكىل سانىغا ئېرىشىپ، پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ھەر ئىككى پارتىيەدە پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ كىم بولىدىغانلىقى، ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئېنىق بېكىتىلىدۇ. ئامېرىكادا 8 – نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدا 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىنىدۇ.

«The NBC News»  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «SurveyMonkey» شىركىتىنىڭ راي سىناش نەتىجىلىرىدە، تىرامپتىن 7 نومۇر ئالدىدا تۇرغان ھىلارى كلىنتون، بلۇمبېرگ راي سىناش نەتىجىسىدە تىرامپتىن 12 نومۇر ئالدىدا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر