ب د ت سومالىدا ئېغىر سەتچىلىككە قالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) سومالىدا كۆرۈلگەن مۇساپىرلار كىرىزىسىدىن كېيىن رايونغا يوللىغان ئاشلىق ياردىمى مەسىلىسىدە ئېغىر سەتچىلىككە قالدى.

511418
ب د ت سومالىدا ئېغىر سەتچىلىككە قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىغا دۇنيا ئاشلىق فوندى دائىرىسىدە ‹ئىنسانپەرۋەر ياردەم› دەپ، ئىستېمال قىلىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن 100 خالتا ئۇزۇقلۇق ماددىسى ئەۋەتىلدى. موقدىشۇ ئايرودورۇمىدا مۇسادىرە قىلىنغان ئۇزۇقلۇق خالتىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر تەرەپ قىلىندى؛ ب د ت، بۇ مەسىلىگە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.

ب د ت نىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرگە مەسئۇل دىرېكتورى ياقۇب ئەل خىللو، تەشكىلاتنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا سۈرىيەنىڭ زابادانى ۋە مادايا شەھەرلىرىدە خاتا ھالدا ئىستېمال مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن 320 كىلوگرام يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك پىچىنە تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر