ئىران بەش PJAK تېررورچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانى پاكپۇر، PJAK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بەش ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سەردەشت شەھىرى ئەتراپىدىكى تاغلىق رايوندا ئارمىيە بىلەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراندىكى گۇماشتىسى PJAK ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد پاكپۇر فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئىراق چېگراسىغا يېقىن سەردەشت تاغلىق رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلارنىڭ ئۆتكەن ئايلاردا ئىككى نەپەر ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىسى بىلەن بىر ئىنژېنىرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلارنىڭ بىرىنىڭ تەشكىلاتنىڭ رايون مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پاكپۇر، ئىران تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدا توختالمىدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ ئىراندىكى گۇماشتىسى PJAK، ئىراننىڭ تۈركىيە ۋە ئىراق چېگرا رايونلىرىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پات – پات ھۇجۇم قىلىپ، ئىران چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.