ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 50 ئادەم ئۆلدى، جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قاراشلىق ئورلاندو شەھىرىدە قوش جىنىسلىقلار كېچىلىك كۇلۇبىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 50 ئادەم ئۆلدى، 53 ئادەم يارىلاندى.

509536
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 50 ئادەم ئۆلدى، جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قاراشلىق ئورلاندو شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن ئورلاندودا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەقەگە تېررورلۇق ھۇجۇمى، دەپ باھا بەردى ۋە دۆلەت مىقياسىدا بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلۈشى توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈردى.

ئەسلى ئافغانىستانلىق ئامېرىكا پۇقراسى ئۆمەر مەتىن سادىر قىلغان مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

ھۇجۇم، ئامېرىكا تارىخىنىڭ ئەڭ قانلىق قوراللىق ھۇجۇمى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە ئورلاندو شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيەنىڭ باياناتىدا، «ئورلاندودا مەيدانغا كېلىپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز ۋە ئامېرىكا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان جامائىتى ۋەكىللىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى. «مۇسۇلمان تەشكىلات كېڭىشى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «دىنىغا، رەڭگىگە ياكى جىنسىي تاللىشىغا قارىماستىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بارلىق كىشى ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن بىر سەپتىمىز. بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا ئىسلامىي ئىلىملەر كېڭىشىمۇ ھۇجۇمغا ‹نەپرەتلىنىش جىنايىتى› دەپ باھا بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئىسلام دىنىدا بۇ خىل ئاشقۇن مايىللىقلارنىڭ قەتئىي ئورۇن ئالمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بايانات بېرىپ، پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىققا، يەكلىنىشكە ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىماستىن ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ جەرياندا، نويابىر ئېيىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى قاناتتىن پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دونالد ترامپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆزلىرى ئۈچۈن سۇيىئېستىمال قىلدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىپ كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان «مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتكە كىرىشى مەنئىي قىلىنسۇن» دېگەن تەكلىپىنى تەكرارلىدى.

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «پىرېزىدېنت ئوباما ئاخىرىدا ئاشقۇن ئىسلام تېررورى توغرىسىدا سۆز قىلامدۇ؟ ئەگەر قىلمايدىغان بولسا، دەرھال ئىستىپا بېرىشى كېرەك» دېدى. ترامپنىڭ سۆزلىرى ئامېرىكا مېدىياسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىرى قىسىم تاراتقۇلار، ترامپنىڭ مۇشۇنداق بىر ھۇجۇمدىن كېيىن قىلغان سۆزلىرىگە «پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر