گېرمانىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى بىلەن يۈزلىشىشى لازىم

گېرمانىيە فېدراتسىيەسى مەجلىسى باشلىقى نوربېرت لاممېرت گېرمانىيەنىڭ بۇرۇنقى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىشلىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

509688
گېرمانىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى بىلەن يۈزلىشىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدراتسىيەسى مەجلىسى باشلىقى نوربېرت لاممېرت، گېرمانىيەنىڭ ئىمپېرىيە مەزگىلىدە سادىر قىلغان مۇستەملىكچىلىك قىلمىشلىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

لاممېرت گېرمانىيە دۆلەتلىك ئىككىنچى تېلېۋىزىيە قانلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوچۇق ئاشكارە ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلمەسلىكى تولىمۇ ئېچىنشلىق ئەھۋالدۇر.»

لاممېرت مەجلىستىن بۇ ھادىسە توغرۇلۇق بايانات بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

1904-يىلدا ھازىرقى لامبىيەدە يەرلىكلەر ئىسيان كۆتۈرگەندە، گېرمانىيە مۇستەملىكچى قىسىملىرى لامبىيە يەرلىكلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، 60مىڭ ھېرېرو بىلەن 10مىڭ نامانى قەتلى قىلدى.

نېمىس قوماندان لوتار سون تىراتا ئەسكەرلىرىنى بۇ قەبىلىلەرنى پۈتەنلەي يوق قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. مەجلىس باشلىقى لاممېرت 1904-يىلدا سادىر بولغان بۇ جىنايەتلەرنى 2015-يىلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تەرىپلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر