باڭلادېش ساقچىلىرى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

باڭلادېش ساقچىلىرى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، مىڭلارچە كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

509120
باڭلادېش ساقچىلىرى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش ساقچىلىرى، 2013 – يىلى باشلىنىپ يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانچە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ھۇجۇملاردىن كېيىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 3155 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى؛ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلاردىن ئوتتۇز يەتتىسىنىڭ مەنئىي قىلىنغان ‹باڭلادېش مۇھاجىدلىرى جامائىتى› نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 5 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

باڭلادېشتا يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە لائىك (سېكولار) تور يازغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، چەت ئەللىك ياردەم بەرگۈچى خادىملار، دىنىي ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر ۋە قوش جىنىسلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىغۇچىلار بولۇپ 40 كىشى ھەر خىل ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بەزىلىرى دائېش ۋە ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر